شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياشلار ئالماشتۇرۇش لاگېرى پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى
2016.08.25
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ئالماشتۇرۇش لاگېرى پائالىيىتىنىڭ يىغىنى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، لاگېرغا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، بېلارۇسىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق ئون دۆلەتتىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى قاتناشقان.
120 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى 22-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر ئېلى، ئىچكى موڭغۇل ۋە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن كۆزلىگەن مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم يادرولۇق ئورۇننىڭ بىرى.
شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياشلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاگېرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىنىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.