خىتاي ساقچى دائىرىلىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان شاڭخەيلىك بىر رەسسامنى قولغا ئالغان.
دەي جيەنيۇڭ ئىسىملىك بۇ كىشى ئادەتتە خىتايدىكى ۋېيبو قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدىكى ھېسابىغا داۋاملىق ھالدا ئېغزى ۋە بۇرۇنلىرى ئالاھىدە يوغانلىتىلغان ھەجۋىي كىشى رەسىملىرىنى ياكى بولمىسا ئايالى ۋە ئىككىسىنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ ھېسابىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئېغزى ئالاھىدە يوغانلىتىلغان ۋە يوغان بۇرۇت قويۇلغان بىر پارچە ھەجۋىي رەسىمىنى ئېلان قىلغان.
بىراق، سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇ ئايالى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنىدە ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان بىر مۇنچە ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان. ساقچىلار ئۇنىڭغا «مالىمانچىلىق» تۇغدۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن. رەسسامنىڭ ئايالى جۇ ئىدى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئىلگىرى يولدىشىنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭمۇ نۇرغۇن ھەجۋىي رەسىملىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بىراق ھېچقاچان بۇنداق بىر ئەھۋال بىلەن قارشىلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ «بۇ رەسىمدە ھېچقانداق بىر سىياسىي مەقسەت يوق ئىدى» دېگەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.