خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى «تولۇق ئورۇندايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-05
Share

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنى 5-مارت كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنىڭدەك خەلقارادا خىتاي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختاتمىسا، 2022-يىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش، خىتاينى جازالاش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ھالقىلىق بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» 4-مارت بېيجىڭدا گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن. يىغىن ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتنىڭ «قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تولۇق ئورۇندايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 5-مارت بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ باشلىقى، شۆھرەت زاكىر بىلەن شاۋكەت ئىمىن مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان.

يىغىندا چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ «ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلايدىغانلىقى»، «يۈكسەك سىياسىي، تارىخىي مەسۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تولۇق ئورۇندايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-مارت باشلانغان يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىزمەت دوكلات بېرىپ، خوڭكوڭنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت