ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بارماقچى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 1- يانۋار ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق باياناتىدا ياپونىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەردى ۋە بۇنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياپونىيىدە يولغا قويۇلىدىغان ئەڭ كەسكىن ئىسلاھات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىزنىڭ يۈكسىلىش ئىستراتېگىيەمىزنى ئىجرا قىلىمىز ۋە ئىقتىسادنى قوزغىتىش چارىلىرىمىز بۇرۇن يولغا قويىمىز.

ئۇ 2012- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، دىپلوماتىيە دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىكى سىياسەتلىرىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ بۇلارنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن يولغا قويۇشقا تەرەددۇت قىلغان ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كەسكىن ۋە مۇساپىسى رىقابەتلىك بولغان ئىسلاھاتلاردۇر.
ئۇ نۇتقىدا يەنە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە « يېڭى ياپونىيە» قۇرۇپ چىقىش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئۇ، «يېڭى ياپونىيە» ئاتالغۇسىنى شەرھلىمىدى.