7 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى 1942 - يىلى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى ئېيتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان سەنئەت تورى «پەرۋاز» سەھىپىلىرى 1942 - يىلى، يەنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بالىلار بەدىئىي ئىجادىيەت سەنئەت مۇسابىقىسىدە 7 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى زىننەت ئەكبەروۋانىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە چېلەك يېزىسىدىن كەلگەن مەزكۇر 7 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى زىننەت بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇنداپ، بىرىنچىلىكىنى ئىگىلىگەن. شۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە موسكۋا ۋە باشقا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ھەر مىللەت كىچىك چولپانلىرى كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتارىدا كېيىن پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ مەشھۇر مۇزىكانتى بولۇپ تونۇلغان ئالېكساندىرا پاخمۇتوۋامۇ بار ئىكەن. ئەمما بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەش ئۇيغۇر قىزىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن سائەت تەقدىم قىلىنغان ۋە مەخسۇس ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى فىلىمگە ئېلىنغان.

بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىختا تۇنجى قېتىم سەنئەت ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر فىلىم يەنە ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئائىت ئەڭ دەسلەپكى فىلىملاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

قازاق مىللىي ئېنسىكلوپېدىيىسىدىكى زىننەت ئەكبەروۋاغا ئائىت باياندىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇ 1950 - 1980 - يىللاردا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر درامىلىرىدا نوزۇگۇم، مايىمخان قاتارلىق قەھرىمان قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق رولنى ئوينىغان ۋە ئۇنىڭغا «قازاقىستان خەلق ئارتىسى» دېگەن ئالىي نام بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت