ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «شىمۇ سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ بالىلار سۈت پاراشۇكىدا ۋاقتى ئۆتكەن خام ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغانلىقى بايقالغان.
تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك دورا ۋە يېمەكلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ بالىلار سۈت پاراشۇكىغا قوشۇلىدىغان ۋىتامىن قاتارلىق خام ماددىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. خەۋەردە، بۇ خىل بالىلار سۈت پاراشۇكىدىن 18مىڭ قۇتا بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، ھەممىدىن دىققەت قوزغايدىغان يېرى خىتاي دۆلەتلىك دورا-يېمەكلىكلەر تەكشۈرۈش ئىدارىسى تېخى يېقىندىلا مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان 3 خىل بالىلار سۈت پاراشۇكىنى تەستىقلىغان ئىكەن. خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل 12-نويابىر بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان «شىيۆ»، «يىنئەي»، «مىڭشىڭ» قاتارلىق 3 خىل مەھسۇلاتنى تەستىقلىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارغا ئىستېمال ۋاقتى 2018-يىلى 4- ئايدا توشىدۇ، دەپ يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دائىرىلەر مەزكۇر شىركەتنىڭ قانچىلىك سۈت پاراشۇكىغا ۋاقتى ئۆتكەن ماددا قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. خەۋەردە بۇنىڭ 18 مىڭ قۇتا سۈت پاراشۇكى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى ياكى تېخىمۇ كۆپ سۈت مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، دېيىلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق «يىيۆ» بالىلار سۈت پاراشۇكىغا قوشۇلىدىغان ئوزۇقلۇق كۈچەيتىش ماددىسىنىڭ ۋاقتى 3 ئاي ئۆتۈپ كېتىپلا قالماي، نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇس تېپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان بۇ ماددىنىڭ دائىم ئىسسىق يەردە ساقلانغانلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە يەنە «شىمۇ سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك ھەدسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ باشقا خام ئەشيالارنى تەييارلاش، ساقلاش ئۇسۇلىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.