4 يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر بىلال ۋاپات بولغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-02
Share

مەلۇم بولۇشىچە، تۆت يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىلال 1-ئاۋغۇست كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. بۇ خەۋەر خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى.

بىلال ئۇيغۇر 2014-يىلى خىتايدىن قېچىپ چىقىپ تايلاندقا كىرگەندە «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە تايلاندنىڭ ھايتاي دېگەن يېرىدە تۈرمىگە تاشلانغان. 4 يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىلالنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئۆتكەن يىلى ئېنىقلانغان. تۈرمە شارائىتىدا يېتەرلىك داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەن بىلال بەختكە قارشى 2018-يىلى 1-ئاۋغۇست كۈنى جان ئۈزگەن. 

بۇ قايغۇلۇق خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە يىللارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن، يەنى 2-ئاۋغۇست رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى ھەم شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە يىللارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر تۇتقۇنلارنىڭ بالدۇرراق 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى. 

تايلاند ھۆكۈمىتى 2013‏-ۋە 2014‏-يىللىرى خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق 2015-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ھېچيەرگە كېتەلمەي تايلاندنىڭ يىغىۋېلىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن يەنە 61 نەپىرى بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت