خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېببىي غەمخورلۇقى» گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولغان «دوختۇرخانىدا قاق-سەنەم بولۇپ كېتىش» دېگەن ئاتالغۇ دوختۇرخانىلاردىكى غايەت زور داۋالىنىش ھەققى ۋە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان داۋالىنىش زاكالەت پۇلىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىدا «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن پۇل تاپشۇرۇش» چارىسى سىناق قىلىنغاندىن بۇيان 118 مىڭ ئادەم قېتىم بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان. شۇنداقلا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققى رەسمىيەتلىرىنى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئاتچوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇشىمۇ يولغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھالنى «خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىش» شەكلىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى خىتايغىلا خاس «پۇل تاپشۇرمىغان ئادەمنى داۋالىماسلىق» دېگەندەك تېببىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشى، دەپ كۆرسەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ھازىر ئۇيغۇرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدىن يۆتكىلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش چارىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت