ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا يوقاپ كەتكەن ئۈچ ئاچا - سىڭىل ئۇيغۇر قىز بۈگۈن سەھەر تېپىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.29

بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى، يەنى 26 - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا يوقاپ كەتكەن ئۈچ ئاچا - سىڭىل ئۇيغۇر قىزنىڭ بۈگۈن سەھەردە تېپىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

يوقاپ كەتكەن بۇ ئۈچ قىزنىڭ تېپىلغانلىقى بۈگۈن سەھەر ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى.

بىر ئائىلىدىن ئۈچ قىزنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەشۋىشلەندۈرگەن ئىدى. قىزلارنىڭ ئانىسى بۈگۈن سەھەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنى بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.