خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن خەۋەر بېرىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈچ يېرىم كۈن داۋام قىلىپ بۈگۈن ئاياغلاشقان بۇ مانېۋىر ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە غۇلجىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئۇنىڭغا 10 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە، مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قۇملۇق ۋە تاغلىق رايونلىرىنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك شارائىتىدا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىرى دەل چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقى كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى «ساقچى دۆلىتىگە خاس سىستېما» بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» بۈگۈن خەۋەر تارقىتىپ، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا، ئۇيغۇر ئېلىدا ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالىنى ياڭرىتىش ئىشى ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە قاتارلىق 17 نۇقتىلىق شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى بىر تەرەپتىن قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىنى سىقىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى خەلقئاراغا ئاقلاپ كۆرسىتىشنى نىيەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.