ياۋروپا پارلامېنتى تەيۋەنگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تەيۋەننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.11.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇپ، تەيۋەننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 13 نەپەر ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تەيۋەندە 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولغان. ئۇلار زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 4-نويابىر پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە بارغان مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ياۋروپا پارلامېنتنىڭ فرانسۇز ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي ۋە ناھايىتى ئوچۇق: ئۇ بولسىمۇ سىلەر يالغۇز ئەمەس، ياۋروپا سىلەر بىلەن بىللە.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «زىيارىتىمىزنى ئىنتايىن مۇھىم بىرىنچى قەدەم دەپ قاراش كېرەك. ئەمما كېيىنكى قەدەمدە بىز تېخىمۇ كۈچلۈك ياۋروپا ئىتتىپاقى-تەيۋەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق كونكرېت قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكرېت كۆرسەتمە تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم.»

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بولسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-تەيۋەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرساھەدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋاتقان ئىدى. شۇنداق بىر مەزگىلدە ياۋروپا پارلامېنتى رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىكەن. تەيۋەننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋاتىكاندىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا مەزكۇر زىيارەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ 3-نويابىر كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.