تەيۋەن پارلامېنتىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2014-03-24
Share


بىر ھەپتىدىن بۇيان تەيۋەن پارلامېنت بىناسىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلىشىپ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشتا جەمئىي 110 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمى دېگىدەك ساقچىلار ئىكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىن خىتاي تەرەپ بىلەن بۇلتۇر 6 - ئايدا تۈزگەن سودا تاختامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ شەنبە كۈنى بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسىغىمۇ بېسىپ كىرگەن، بۇ جەرياندا بىر قىسىم سىم توساقلارنى بۇزۇپ تاشلىغان ۋە بەزى ئىشىك دېرىزىلەرنى چاققان. بۇ چاغدا تەيۋەن ساقچىلىرى ئىككى سۇ پۈركۈش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ توپلانغان نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان، بۇ جەرياندا بەزى نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قولىدىكى كالتەكلەرگە ئېسىلغان ۋە ئوتتۇرىدا توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار نۆۋەتتىكى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق تەيۋەندە تەستە قولغا كەلگەن دېموكىراتىيەنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە خەۋپ - خەتەر يېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت