ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىر ياردەمچىسى، تىبەت مەسىلىلىرى ئالاھىدە خادىمى ساراخ سېۋالل، 9-نويابىر كۈنى ھىندىستان ۋە نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلار رايونىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت مەسىلىلىرى ئالاھىدە خادىمى ساراخ سېۋاللنىڭ تىبەت مۇساپىرلار رايونىدىكى زىيارىتى 9-نويابىردىن 16-نويابىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىدە يەنە، دارامسالاغىمۇ بېرىپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن.
خەۋەردە يەنە، ساراخ سېۋاللنىڭ ئالدىنقى 4 كۈندە نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلار رايونىدا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مۇساپىرلىرى ئۈچۈن بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى مەدھىيىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان نېپال ھۆكۈمىتى خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، نېپالدىكى تىبەت ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ھەرىكەتلىرىدىمۇ بولغان. نېپال دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.