تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 59 يىللىقى خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.03.11

تىبەتلەر 1959-يىلىدىكى تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىڭىنىڭ 59 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، بىر قىسىم دۆلەتلەردە نامايىش ۋە يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى 200 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ۋە تەيۋەنلىك تەيۋەن پايتەختى تەيبېيدا يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 1959-يىلى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تىبەتلەرگە ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇشى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنى ئېتىقاد ئەركىلىكى ۋە باشقىلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن، تىبەت پائالىيەتچىلىرى 1959-يىلى، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى لخاسادىكى نەچچە مىڭ تىبەتلىك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەتنى بېسىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تەيبېيدىكى تىبەتلىك نامايىشچىلار ئۆز بايانلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەقىبلەۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىشكەن. تەيبېيدىكى نامايىشنى ھاكىمىيەتتىكى دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيەسى دائىرىلىرى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكەن جۈمە كۈنى ھىندىستان پايتەختى دېھلىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر قىسىم تىبەتلىكلەر نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. بىراق بۇ نامايىش ھىندىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، تىبەتلىك نامايىشچىلار «تىبەت ئەركىنلىكى ياشىسۇن!»، «خىتاي كومپارتىيىسى تىبەتتىكى باستۇرۇشنى توختات» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

نېپال ھۆكۈمىتىمۇ تىبەتلىكلەرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەن.

ئەنە شۇ 1959-يىلى، تىبەتلەرنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا دالاي لاما ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپ، ئۇ يەردە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.