ھازىر دۇنيادا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان تىك-توك (دويىن) 2016-يىل خىتاي تور شىركىتى(ByteDance) تەرىپىدىن رەسمىي بازارغا سېلىنغان ئەپ دېتالى بولۇپ، ھەر تۈرلۈك قىزىقچىلىق، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك قىسقا ۋىدىيولارنى ھەمبەھىرلەيدىغان، جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بىر ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىك-توك ئەپ دېتالى 40 نەچچە خىل تىلنى قوللايدىغان بولۇپ، 2021-يىل 6-ئايدا ئېلىپ بارغان بىر سىتاتىستكىغا قارىغاندا، ھەر ئايدا تىك-توك ئوينايدىغان ئابونتلار 1 مىليارد 900 مىليونغا يەتكەن. تىك-توك پەقەت قىسقا ۋىدىيولارنى ھەمبەھىرلەش سۇپىسى بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ «Toutiao» ناملىق خەۋەر قانىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەپ دېتالى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياۋى تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ByteDance شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان لاگېرلارنى تەقىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىش، ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ-سۆزلەرنى سۈزۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى غولغولا قوزغىغان.
2019-يىل ۋە 2020-يىل كۆپلىگەن خەۋەر مەنبەلىرىدە تىك-توك شىركىتىنىڭ بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرسە، بىر ياقتىن چەت ئەلدىكى تەشۋىقاتىغا ياردەم بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىك پاكىتلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مەزمۇنلارنى تور ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغانىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تىك-توك ئەپ دېتالى كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا قۇرغان تەشۋىقات، نازارەت ۋە جاسۇسلۇق قورالى بولۇپ، ئۇنى «ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق» دېگەن تەمسىل بىلەن سۈپەتلەپ بېرىشكە بولىدىكەن. خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بۇ دېتالنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن.
