ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتى، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى ۋە ئەنگلىيە يەھۇدىيلار تەشكىلاتى «رېنې كاسسىن» غا جاۋاب خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «ئالدىنقى ئورۇنغا» قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورىس جونسون خېتىدە ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشى» غا ئورتاقلىشىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا يېتەكچىلىك رول ئويناپ كەلگەن «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتى «رېنې كاسسىن» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ بورىس جونسونغا خەت يازغان. ئۇلارنىڭ خېتى ئەنگلىيە يەھۇدىي ۋەكىللىرى كومىتېتى ۋە 50 تەك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورىس جونسون بۇ جاۋاب خەتنى پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنىگە بۇنىڭدىن بىر ئاي ئاۋۋال يازغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خەت ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان. بورىس جونسون ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيە ئالىي سوتىغا ئەرز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلغان. «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» دە ئېيتىلىشىچە، بورىس جونسون جاۋاب خېتىدە؛ «شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇكى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى يەنىلا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى. بىز بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا داۋاملىق ھەرىكەت قوللىنىمىز» دېگەن.