خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يېڭى 3 دائىم ھەيئەت تەيىنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.18

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى دائىمىي ھەيئەتلەرنى تەيىنلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دا‍ئىمى كومىتېتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئ‍اپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا ئەركىن تۇنىيازنى مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

«شىنجاڭ خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 18-ئۆكتەبىر خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خې جوڭيۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا، شىئەن شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يۈسۈپجان مەمەت بىلەن خىتاي «جوڭلىياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات ئەخمەتجاننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيتئەتلىكىگە تەيىنلىگەن.

لېكىن خەۋەردە بۇ ئىككىيلەننىڭ كونكرېت قانداق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئ‍ۆزگىرىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كادىرلار قاتلىمىدا چوڭ ئ‍ۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بالدۇرلىق قىلسىمۇ، بىراق بۇ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ رايوندىكى كۈتۈلمىگەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان مەمەت شىئەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلزات ئەخمەتجان ئىلگىرى «خىتاي تاشقى ئىقتىساد-سودا ھاۋالە چەكلىك شىركىتى» نىڭ سېكرېتارى ۋە باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ 2020-يىلى 4-ئايدىن بېرى «جوڭلىياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.