«قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دە تۇتقۇندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى ئاشكارىلانغان
2022.05.13
چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى ئاشكارىلانغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھۆججەت بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆججەتتىكى تۇتقۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە نەچچە ئاي ۋاقىت كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەر كونا شەھەر ھۆججەتلىرى» خىتاينىڭ «قاراقاراش ھۆججەتلىرى» دىن كېيىن ئاشكارلانغان يەنە بىر مۇھىم مەخپىي ھۆججىتى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ھۆججەت قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، قاماقلىق ئورنى قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇرلار بايان قىلىنغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەت ئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى غايىپ بولغان ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بۇ ھۆججەتتىن بىلگەن. رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى نۇرئىمان ئابدۇرېشىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىككى ئەركەك قېرىندىشىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھازىرغا قەدەر خەۋەر بولمىغان ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرئىماننىڭ تۈركىيەدىكى سىڭلىسى نۇرسىمان ئابدۇرېشىت بۇ ھۆججەتتىن مەمەتئىلى ئىسىملىك بىر ئىنىسىنىڭ 15 يىل 11 ئايلىق كېسىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلگەن.
ئۇنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دىن ئۆزلىرىنىڭ كەنتىدىنلا تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىنى تونۇغان. ئۇ يەنە ھۆججەتىكى ئىسىملەردىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىدىكى باشقا يەتتە كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنى تونۇغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «تېرورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق كىچىك تىجارەتچىلەر ۋە ئىشلەمچىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدىغان مۇھىم بىر دەلىل ئىكەن.