ئۇيغۇر دىيارىدا 90% تىن كۆپرەك ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشتا سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەيدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-11
Share

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق تور ژۇرنىلى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 90% تىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشتا سىياسىي ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تور ژۇرنىلى بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ 9-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ رايونىدىكى ساقچىلار: تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، لاگېرلار ۋە ۋەھىمە» ناملىق خەۋىرىدە ئاشكارىلىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ «شىمالى شىنجاڭ» دا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خىتاي ساقچى تەمىنلىگەن.

ئۇ نۆۋەتتە 100 مىڭدىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىكى بوش قالغان نۇرغۇن ئورۇنلارغا داۋاملىق ئادەم قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشتا سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا دائىرىلەر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن نۇرغۇن ساقچى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭدا ‹بىخەتەرلىكنى قوغداش› قا ئەۋەتىۋاتىدۇ.» ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندىكى ھەر بىر ساقچىدا بىر «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى يانفونى» بولىدىكەن.

ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرىپ، رايوندىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تەكشۈرەلەيدىكەن. بۇ ساقچى خادىمى ساقچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق كىشىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا سوراق قىلالايدىغانلىقى ۋە تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر كۈندە 34 قېتىم توختىتىلغانلىقىنى بىلىمەن،» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان. ئۇلار يا تازىلاپ چىقىرىلغان ياكى لاگېرلارغا قامالغان ۋە ياكى كېسىۋېتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت