ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىغا «ياسالما» زىيارەتلەرنى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىگەن

ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ياسالما» زىيارەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايون ھەققىدىكى خاتا تەشۋىقاتىنى يېيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنى بۇ ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى ئامېرىكا ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەررىي برانستاد زىيارەت تەكلىپىدە بولۇندىمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ توغرىسىدا بىرەر سۆھبەت ياكى زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «بۇنداق ياسالما ھەم ھۆكۈمەتنىڭ يول باشلىشىدىكى شىنجاڭ زىيارىتى خىتاينىڭ رايوندىكى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ رېئاللىقىنى يوشۇرۇش، ئۇنىڭ خاتا تەشۋىقاتىنى يېيىشقا خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رۇسىيە، پاكىستان، بانگلادەش، مىسىر قاتارلىق بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەر، ۋېنگىرىيە، گرېتسىيەدەك بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلومات ۋە مۇخبىرلىرىنى رايوندا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرى ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ياكى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز خىتاينى داۋاملىق بۇ سەلبىي سىياسەتكە خاتىمە بېرىشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ چەتئەلدە ئولتۇرۇشلۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى مەجھۇل تەقدىردە قالدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ 25‏-مارت كۈنى يۇقىرىقى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ تەنقىدىنى «پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس»، «پۈتۈنلەي ئىغۋاغا تايانغان ۋە بوھتان» دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.