ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىڭتۈەن ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېغىر قەرز يۈكىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.08

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېغىر قەرزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە پاراۋانلىققا سالىدىغان مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئۇنىڭ يەرلىك مالىيەسىگە بولغان خەۋپنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خەۋەردە يەنە ئۆتكەن يىلى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ جازالاش نىشانىدىكى بۇ يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلىدىكىدەك تارقاتقان زايۇمىنى تۆلىيەلمەسلىك خەۋپى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، زايوم بىڭتۇەننىڭ مەبلەغ توپلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پروگراممىسىدىن تارتىپ «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇققا» قارشى تۇرۇشقىچە بولغان تۈرلەرگە كەتكەن زور چىقىمىنىڭ «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان.

بىڭتۈەن يېقىنقى يىللاردا زايوم تارقىتىشنى ئ‍ىزچىل كۆپەيتكەن بولۇپ، 2018-يىلىدىكى 3 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ھازىرقى 50 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە چىققان. ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەرزى 2020-يىلى سېنتەبىردە 392 مىليارد 702 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 72 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان. خەۋەردە، بىڭتۇەندىكى كارخانىلارنىڭ زىيان تارتىشىنى يۇقۇمغا باغلاپ، ئامېرىكانىڭ نىشانىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىچكى مەبلەغگە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىجتىمائىي-بىخەتەرلىك سېلىنمىسى مەسلىسىنىڭ خەلقئارا سۈركىلىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا بولۇشىنى ۋە ئىمبارگونىڭ يەنىلا مالىيە ساھەسىدىكىلەر دىققەتكە ئالىدىغان ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.