خىتاي ئۇيغۇر رايونى ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 6.4 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ستاتىستىكا دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونى ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 17 مىڭ 614 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى «شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى» نىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ بىلەن رايون ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسىلدىكى كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ‍ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 6.4 پىرسەنت ئاشقان. دائىرىلەر «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆزلىرىدە، رايون ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئارتىشىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ «پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ھەم دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرغانلىقى» غا باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن، ئۇيغۇر رايونىدا شەھەر-بازارلار بىلەن يېزا-كەنتلەر ئارىسىدا كىرىم پەرقىدىكى بوشلۇقىنىڭ يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ستاتىستىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا شەھەر ۋە بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى 3 پەسىلدىكى كىرىمى 30434 يۈەن، يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‍ئوخشاش مەزگىلدىكى كىرىمى 5673 يۈەن بولغان. بۇ يېزا-كەنت ئاھالىسى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا، كۆپ قىسمى شەھەر نوپۇسىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغانلىقى، ئىككى خەلق ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ نوپۇسىنى كەڭ كۆلەملىك لاگېر-تۈرمىلەرگە، مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللاش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇ خىل كىرىم پەرقىدىكى بوشلۇقنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ئاكتىپ نوپۇسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، بۇ ئائىلىلەرنى ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارغان. لېكىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا، رايوندىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ‍ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5 پىرسەنت، يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ‍ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 8.6 پىرسەنت ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.