ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى 25-سېنتەبىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي داىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 16 مىڭدەك مەسچىدنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇزغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، 16 مىڭدەك مەسچىد ئىچىدە 8500 مەسچىد پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. بۇ مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2-دوكلاتى. مەزكۇر ئىنىستىتۇت 3 كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، رايوندىكى 360 لاگېرنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، رايوندىكى لاگېرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ 25-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا رايوندا قەپ قالغان مەسچىدلەرنىڭ 15، 500 گە يەتمەيدىغانلىقى، نۇرغۇن مەسچىدلەرنىڭ قۇببە ۋە مۇنارلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە رايوندىكى مازار، قەبرىستانلىق، تاۋابگاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ 3 دىن بىرىنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دوكلاتتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا يېقىن كېلىدكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، رايوندىكى 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە بولغان مەسچىد ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان دىنىي سورۇنلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تېخى ئېتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدا 24 مىڭ مەسچىد بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.