ئۈرۈمچىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتا يامراشقا باشلىغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بىر مەزگلدىن كېيىن، يۇقۇم قايتا كۆپىيىشكە باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 29-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھرىدە 27-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە يېڭىدىن يەنە 18 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. يەرلىك دائىرىلەر 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى رايوندا يۇقۇمنىڭ قايتا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 27-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە بايقالغان 18 يۇقۇمدارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدا ئىكەن. خەۋەردە يۇقۇمنىڭ قالغان كىشىلەرگە بىر جۈپ ئەر-ئايالدىن تارقالغانلىقى، نۆۋەتتە يۇقۇمدارلارنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى، يۇقۇم بايقالغان رايوننىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرىشىدە پوزىتىپ چىققان. ئاندىن دائىرىلەر ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ قالغان يۇقۇمدارلارنى بايقىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدا يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 20 گە يېتىپ بارغان.

سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندىكى مەركەزلىك ئايرىپ داۋالاشنى كۆزىتىش نۇقتىسى، تەقىپ ۋە كونترول قىلىش ئورۇنلىرى دوكلات قىلغان يوقۇرىقى 20 نەپەر يۇقۇمداردىن سىرت، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر رايوننىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئ‍ىزچىل قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى قامالدا 180 مىليون ئادەم يۇقۇملانغان.