«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى لى يىفېينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
1964-يىلى تۇغۇلغان لى يىفېي ئۇزۇن مەزگىل يۈننەندە خىزمەت قىلغان بولۇپ، 2014-يىلىدىكى «كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن ۋاقىتتا يۈننەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. ئارىلىقتا بىر مەزگىل يەنە كۇنمىڭ شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغانىكەن.
«بېيجىڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يۆتكىلىشى بايان قىلىنىدۇ. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جېڭجۈننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى، ئىلگىرى بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن سۇن جىنلوڭنىڭ خىتاي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان جى جېڭنىڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىلىدۇ.
گەرچە بۇ قېتىمقى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنى يۆتكەشنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرى نامەلۇم بولسىمۇ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قېتىملىق ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتىكەن.