خىتاينىڭ ۋىرۇسقا قارشى «جەڭ ۋەزىيىتى» يارىتىپ ئاھالىلەرنى قامال قىلىشى نارازىلىق قوزغىغان

ئامېرىكادىكى دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو، يەنى NP نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كورونا ۋىرۇسى قايتا يامرىغاندىن كېيىن خىتاي بۇ رايوننى سىرتتىن ئايرىۋەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 22 مىليون ئاھالە ئۆيىدىن چىقالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 800 دەك كېسەلنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىلغان. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ رايوننىڭ «جەڭ ھالىتى» گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. مەھەللە كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئىشىكلەرنى پېچەتلەپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئەھۋالغا بولغان نارازىلىقىنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئاشكارىلاشقا باشلىغان، ئەمما بۇ ۋىدىيولار دەرھال ئۆچۈرۈلگەن. بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەھەللە كادىرلىرى بىرەرسىنىڭ تالاغا چىققىنىنى كۆرسە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن. ئۆيىگە سولانغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن مەھەللە كادىرلىرى ياكى پىدائىيلار زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئەمما خىتايدا مەھەللە مۇلازىمىتى تەرەققىي قىلمىغاچقا ئاھالىلەرنىڭ تولىسى ئاچ قالغان.

رادىئو مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاھالىلەرگە يەنە قوڭۇر رەڭلىك بىر خىل جۇڭيى دورىسى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، كېسەل يۇقمىغانلار بۇ دورىنى ئىچسە ۋىرۇستىن ساقلىنالايدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان، ھازىر بۇ دورىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۈز پىرسەنتكە يەتكەن، ئەمما تېببىي ساھەدە بۇ دورىنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكى تېخى ئىسپاتلانمىغان.

بۇ خىل «جەڭ ۋەزىيىتى» نىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى كونكرېت ۋاقىت بېكىتمىگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىتاي ئەمەلدارى: «بىزنىڭ قامال قىلىش سىياسىتىمىز يۇقۇملۇق كېسەل باشلانغان ۋاقىت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەن.