ۋاشىنگتون پوچتىسى: «كىلىمات ھەمكارلىقىنى، دەپ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يول قويۇش ئەخلاقسىزلىق ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئەخمەقلىق»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 4-نويابىر كۈنى مەزكۇر گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىستراتېگىيەسىنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قىزىقمايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە كېلەچىكىنى بېيجىڭ بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە باغلاپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

جوش روگېن: «بىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىستراتېگىيەمىز خىتايغا تايىنىپ قالسا بولمايدۇ» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەردە خىتاي بىلەن بولغان ھاۋا كىلىمات ھەمكارلىقىنى دەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يول قويۇش خائىشى باردەك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ، ھازىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى كېڭەيتىشكە ئائىت بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى، بېيجىڭنىڭ ھاۋا كىلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇشنىڭ «ئەخلاقى جەھەتتىن خاتا بولۇپلا قالماي، ئىستراتېگىيەلىك ئەخماقلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى بولسىلا، ئامېرىكاغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى رىقابەتچىلەر ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشەمەيدىكەن. ئۇ «ۋەھشىلىكنى كۆرمەسكە سېلىش بىزنى ئېنېرگىيە رىقابىتىدە خىتايغا تېخىمۇ بېقىندۇرىدۇ. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكا كەلگۈسى سانائەت تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن» دېگەن.