جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى «خەلق گېزىتى» نى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئەرز سۇندى

فىلورىدا شىتاتىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «فلورىدا خەۋەرلىرى» نىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن تام كاتتىن، ماركو رۇبيو قاتارلىقلار ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بىل بار ئەپەندىگە مەخسۇس ئىمزالىق ئەرز سۇنغان.

بىرلەشمە ئەرزدە ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خىتاي ئىمزا قويغان «چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنى تىزىملاش قانۇنى» دا بېكىتىلگەن خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئەرزدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن 2009-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن پۇل ئاجراتقان. ئەمما مۇشۇنداق غايەت زور مەبلەغ بەدىلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئىنگلىز تىللىق كىشىلەرگە يالغان ۋە بۇرمىلانغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان. بۇ جەھەتتە «خەلق گېزىتى» نىڭ ئۆزىگىلا يىلىغا 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت ئىزچىل بۇرمىلانغان مەلۇماتلارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قىزىققۇچى غەرب ئوقۇرمەنلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن.

بىرلەشمە ئەرزدە كۆرسىتىلىشىچە، «خەلق گېزىتى» ئامېرىكادىكى ئوتتۇز نەچچە مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، جۈملىدىن «ۋول-سىترېت كوچىسى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىقلارغا ھەق تۆلەپ شۇ گېزىتلەرنى تارقاتقاندا تۆت بەتتىن سەككىز بەتكىچە بولغان «خىتايغا نەزەر» ناملىق «بالا گېزىت» نى قوشۇپ تارقىتىشنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئاشۇ سەھىپىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىي قاراشلىرى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئاساسىي ئېقىم دۇنياسىغا كىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەھىپىلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئىجابىي قىياپەتتە تەسۋىرلەيدىغان ماقالە ۋە ئوبزورلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان. جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى قاتارلىق ئاشكارا بولغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى «يوللۇق ھەرىكەتلەر» قىلىپ تەسۋىرلەشكە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «خەلق گېزىتى» نىڭ چەتئەللەرگە تارقىتىلىدىغان نۇسخىسى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىمۇ پات-پاتلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەۋەرلەر ھەق-ناھەق پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ھالدا بېرىلىپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر بىرلەشمە ئەرزگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئوتتۇز نەچچە پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.