خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە بىر ئۇيغۇر ھەققىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-ماي كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا پۇل سالغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان يەنە بىر ئۇيغۇر تۇتقۇنى ھەققىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى.

بۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان 4-ئۇيغۇر تۇتقۇنىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇلار غۇلجادىكى ئايال تۇتقۇن ماھىرە ياقۇپنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ماھىرە ياقۇپ غۇلجادىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خادىمى بولۇپ، 2019-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 2013-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئۇلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن پۇل سېلىشى سەۋەب بولغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماھىرە ياقۇپ بۇ يىل 1-ئايدا ھاممىسى گۈلبەھرەم مەمتىمىن ۋە تاغىسى قاسىم توختى بىلەن بىرگە «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ماددىي ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. ئۇنىڭ ھاممىسى بىلەن تاغىسى كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ماھىرە ياقۇپنىڭ ئەھۋالى قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات چاقىرىقىدا كىشىلەرنى ئىلى ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى خەن جيېلوڭغا خەت يېزىپ، ماھىرە ياقۇپنى قويۇپ بېرىشنى، ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشنى، ماھىرە ياقۇپنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۇچرىشىشى، داۋالىنىشى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە قوپال مۇامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىمىنجان سەيدىن، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكپەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەركىتى باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت