ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان خەلقئارا شىركەتلەر كۆپەيگەن

ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك سەۋەبلىك رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئادىداس، ئېسپىرىت H&M قاتارلىق داڭلىق خەلقارا شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىغا چېتىشلىق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان. يېقىندا ياپونىيەنىڭ مۇجى، ئۇنىكلو، ناملىق ئىككى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى رېكلام، يەنى ئېلان-سەنئەت قىلىپ تونۇشتۇرغان. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۇتقۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى، شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى رايوندىكى خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارا ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ رېكلامنى چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

BBC نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا بېسىم تېخىمۇ كۆپ خەلقارا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان سودىدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. ئادىداس شىركىتى BBC غا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى خۇئافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كارخانىلار بىلەن ھېچقانداق توختىمۇ يوقلىقى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ «نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئادىداس شىركىتىنىڭ باياناتچىسى «بىز بىزنى ماتېرىئال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىز ئاخىرلاشقىچە خۇافۇ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زاكاس قىلماسلىققا بۇيرىدۇق» دېگەن.

خىتاينىڭ ئاقسۇدىكى «خۇافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتى» داڭلىق خەلقئارا شىركەتلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر كارخانا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئېسپىرىت شىركىتىمۇ ئۆزلىرىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنگۈچى كارخانىلارغا خۇئافۇ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ H&M شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھېچقانداق بىر كارخانا بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خۇافۇنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر كارخانىسى بىلەن ۋاسىتىلىق سودا ئالاقىسى قىلىدىكەن.