«دۆلەتلىك نەزەر» ژۇرنىلى: خىتاينىڭ ماركسىزملىق مۇشتۇمزورلۇقىغا سەل قارالماسلىقى كېرەك

ئامېرىكىدىكى «دۆلەتلىك نەزەر» تور ژۇرنىلىدا 10‏-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، غەرب خىتاي ماركىسىزىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇشتۇمزورلۇقىغا قاراپ تۇرماسلىققا چاقىرىلدى.

ماقالىدا، غەربلىك سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار، ژۇرنالىستلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ خىتاينى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقىدەك فانتازىيەلەرگە ئىشىنىپ كەلگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

«خىتاينىڭ ماركسىزملىق مۇشتۇمزورلۇقىغا سەل قارالماسلىقى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، غەربنىڭ خىتاينى ئىزچىل خاتا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ «كۈندىلىك ھاياتىنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە غەربلىشىشى، كىشىلەر قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە گۈللىنىش يولىغا قاراپ ماڭغان» دەپ قارالغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى غەربنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى يۇقىرىقى چۈشەنچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا، كانادا «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرى، ژۇرنالىست جېي نوردلىنگېرنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدا «دۆلەتلىك نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەتەرلىك ئىسلامچىلار، دەپ قاراپ، ئۇلارغا قارشى يۈرگۈزگەن «ستالىنچە تەدبىرلىرى ئامېرىكىلىق ئەڭ قاتتىق قول ئىسلامىفوبىستلارنى يولدا قويغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

كانادا «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلىنغان. ئۇ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆز مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى سۆكۈشكە، شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«دۆلەتلىك نەزەر» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا، بۇ ئايالنىڭ سۆزىدە «بېيجىڭنىڭ مېڭە يۇيۇش تېخنىكىسىنىڭ قورقۇنچلۇق دېتالى ئىپادىلەپ بېرىلگەنلىكى» ئەسكەرتىلىپ، «دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتائەتكار، خۇداسىز ماشىنىلارغا ئۆزگەرتىلىشى خىتاي سىياسىي سىستېمىسىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايىدا مەۋجۇت بولمىغان غەلىتە سىستېما ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.