«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە خىتاينى «خەتەرلىك يىلان» غا ئوخشاتقان ماقالە ئېلان قىلىندى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئولىمپىك قوللىغۇچىلىرىنى ئۆز پۇقرالارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يەنى قورقۇتۇش ئارقىلىق كونتىرول قىلۋالدى» ماۋۇزلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ئوبزورنى «ۋاشىنگتون پوچتسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان تەنتەربىيە خەۋەرلىرى ئوبزورچىسى سەللىي جەنكىنس يازغان. ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بولغان كوكاكولا قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ ماقالىسدا داڭلىق ئاسىيا ئالىمى پېررىي لىنكنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھەققىدە يازغان ھەققىدە بىر ماقالىسدا خىتاينى «شامداندىكى ئاناكوندا يىلىنى» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ، «بۇ ئوخشىتىش خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە تولىمۇ باپ كېلىدۇ،» دېگەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە ئاسىيا مۇتەخەسسسى پېررىي لىنك خىتاينى مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىكەن: «خىتاينىڭ بېسىمى دەسلەپتە ناھايىتى كىچىك. سىز سودا، دىپلوماتىيە ياكى ئولىمپىك مەسىلىلىرىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەقسىتىدە خىتاي بىلەن كىچىك، ئەمما مۇرەسسە قىلىنغان كېلىشىم تۈزىسىز. ئەمما ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگىنىڭىزدە، ناھايىتى يوغان بىر بوغما يىلاننىڭ ئۇنى رەنجىتىپ قويسىڭىز. سىز ياكى سودىڭىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بېشىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بايقايسىز دە، كېشەنلەنگەندەك ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز.»

ئاپتور ماقالىسدە بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر، ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مانا مۇشۇنداق قورقۇنچ چىرمىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

«ئىلگىرى خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا ساقچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ تەھدىت سالغان، نەتىجىدە پۇقرالىرى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەيدىغان، پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان مەن بۇ سېمىز ۋە مەۋھۇم تەھدىتنىڭ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنى تېزگىنلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىلاننى قوزغىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەت قىلدۇرۇشتىن قورقۇپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغاندەك قىلىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار سولانغان لاگېرلاردىكى قۇللۇق، قىيناش ۋە باسقۇنچىلىققا شېرىك بولغۇدەك دەرىجىدە سۈكۈت ۋە تەدبىرسىزلىك ئىچىدە. ئۇلار بۇ يىلاننىڭ خەتەرلىك تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىنىڭ ئىشىكىمىز ئالدىدا يۈز بېرىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.»

ئاپتور سەللىي جەنكىنس ماقالىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئولىمپىكنى بويقۇت قىلمىغاننى ئاز دەپ، ئولىمپىك خىزمەتچىلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرى كىيىدىغان كىيىم ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركىتى بىلەن توختاملاشقانلىقىنى، كوكاكولا شىركىتىنىڭ ئولىمپىكنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ ماقالىسى ئاخىرىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنى «يىلانلىق ئۆي» گە ئەۋەتىشنىڭ زور خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيانىڭ ئەمدى بۇ قورقۇنچتىن قۇتۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى، دېگەن.

سەللىي جەنكىنس مۇنداق دېگەن: «خىتاينى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەمما ئولىمپىك مېدال سانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن غەرب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە شىركەتلەرنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاشقا يېتەرلىك ۋاقتى بار. ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كانادادا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللىشى كېرەك. بۇنداق قىلغانلىق ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قايتىدىن تونۇغانلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتۇر.»