خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» گۇمان قوزغىماقتا
2022.08.18
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەملىكەتلىك خىزمەت يىغىنى» دا ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ «ياردەم شەكىللىرى» نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى چېن گاڭ يىغىندا سۆز قىلىپ «ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىغا يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈرىمەن» دېگەن.
ھالبۇكى خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى» دىكى تۈرلەرنىڭ «مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىجرا قىلىش، جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى ئاساسىي غول ئىدىيە قىلىش» دېگەنلەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك پۈتكۈل خەۋەردە ھېچقانداق ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەم مەزمۇنىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقىمۇ بۇ خىل «ياردەم» نىڭ ماھىيەتتە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشقا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا «ياردەم» بېرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ؛ «مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش خىزمەتلىرىگە زور تۆھپە قوشتى» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا نۆۋەتتىكى «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى سۇغىرىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى پارتىيە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش» نى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق 20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىشقا پائال تەييارلىق قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا خىتايلاشتۇرۇشنى، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق بەرپا قىلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋام قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر <ئاخىرقى ھەل قىلىش> چارىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىشقا بەل باغلىماقتا» دېگەنىدى.