مۇتەخەسسىس جەيمس دورسەي خىتاينىڭ تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان چېگراسىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

ھىندىستاندىكى «Countercurrents.org» ناملىق بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى دىققەت نۇقتىسى ھەققىدە توختالغان بىر ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە سۈرىيەدىن ئافغانىستانغا چېكىنگەن ئۇيغۇر قوراللىقلىرىدىن خاتىرجەمسىز ئىكەن.

ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى جەيمىس دورسەينىڭ بۇ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى دىققەت نۇقتىسى ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان چېگرالىرىغا بەكرەك مەركەزلەشكەن. بۇنداق بولۇشىغا سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا چېكىنىشى سەۋەب بولغان. ماقالىدا خىتاينىڭ 50 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىن بەكرەك، تاجىكىستان چېگراسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، چۈنكى ئافغانىستان بىلەن چېگراسى پەقەت 75 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولسا تاجىكىستان بىلەن 400 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا دەۋرلەردىن بېرى تىنچلىق يولى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى توسۇشنىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىگە كىرگۈزگەن.