ئامېرىكىدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى «خىتاي ئاگېنتى» دەپ ئەيىبلەنگەن
2023.07.11
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەر شارى بىخەتەرلىك ئانالىزى ئىنستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى گال لوفت (Gal Luft) «خىتاي ئاگېنتى» دەپ ئەيىبلەنگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گال لوفت سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بىر مەسلىھەتچىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا تاپان ھەققى بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرى مانخاتون رايونلۇق فېدېراتسىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ گال لوفتنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان خىتاي ئاگېنتى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش، قورال-ياراغ ۋە ئىراننىڭ نېفىتىنى سېتىشقا دەللاللىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئەيىبنامىدە گال لوفت پايدىلانغان سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇنىڭدا پەقەت بۇ كىشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا مەسلىھەتچى بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گال لوفت سابىق پىرېزىدېنتنىڭ مەزكۇر مەسلىھەتچىسىنى خىتايغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى قوللاشقا ئۈندەش، جۈملىدىن مەزكۇر مەسلىھەتچىنىڭ نامىدا ئوبزور يېزىپ، بىر خىتايچە گېزىتتە ئېلان قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 57 ياشلىق گال لوفت بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سىپرۇستا قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گال لوفتنىڭ قورال سېتىش رۇخسىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىتاي شىركىتى بىلەن لىۋىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قورال سودىسىغا دەللاللىق قىلغان، شۇنداقلا ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ئېمبارگو قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىتاي ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئىران ئەمەلدارلىرىنى ئۇچراشتۇرغان ئىكەن.