خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەن تەۋەلىكىدە 2014-يىلى ئاشكارىلانغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان چىرىكلىك دېلولىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ئېلان قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇستەقىل كىنەزلىك» دەپ تەرىپلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە 2014-يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان چىرىكلىك دېلولىرى 253 كە يېتىپ، 2013-يىلدىكىدىن 11% ئاشقان. چىرىكلىك، پارىخورلۇق دېلولىرى بىلەن جازالانغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 2014-يىلى 327 گە يېتىپ، 2013-يىلدىكىدىن 31% ئاشقان.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ياڭ گاڭمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.