خىتاي ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇراسىم كۈنى 850 مىڭ پۇقرانى بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا سالىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۈنى 850 مىڭ نەپەر شەھەر پۇقراسىنى بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا سالىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ تەربىيىلەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇراسىم كۈنى شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقىغىغا، دۇكان-سارايلارغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بايقالغان گۇمانلىق ئەھۋاللارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى 3-سېنتەبىر كۈنى زور مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانماقتا. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ مۇراسىمنى ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز كۈچەيتمەكتىكەن. بۇ شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە گۇگۇڭ سارىيىنىڭ شىمالىي ئېغىز ئەتراپلىرى ئىككى ھەپتە بويىچە زىيارەتكە تاقىلىدىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاڭفۇجىڭ سودا مەركىزىدە بۇ شەنبە كۈنى ۋە مۇراسىم كۈنى كوچىغا چىقىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم دېگۈدەك مۇشۇنداق مۇراسىملار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەنىڭ خىتايغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تەشۋىق قىلىشتا بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.