خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى خىتاينى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاتماسلىقنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.01

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى چې گاڭ ئامېرىكادىن خىتاينى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاتماسلىقنى، ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىنى قىلماسلىقنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىلىرىنى ئىجابىي ھەل قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

چېن گاڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، چېن گاڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ تونى كۆپ يۇمشاق ئىكەن

چېن گاڭ بۇ سۆزلەرنى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھېنرىي كېسسىنگېر، سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سۇزان تورنتون قاتارلىقلار بىلەن بىللە قاتناشقان بىر تور يىغىنىدا ئېيتقان. چېن گاڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ «چېكىدىن ئاشقان» پوزىتسىيەسى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ تېخىچە ياخشىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەركىتى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، خوڭكوڭلىقلارنى باستۇرۇشى، قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى ئ‍ۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسى، تېخنىكا ئوغرىلىشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى قاتارلىق ئامىللار ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

چىن گاڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالغان ئامىللارنى تۈزىتىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ «كۈچلۈك ئورۇندا» تۇرۇپ، خىتاينى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق «رىقابەت ئەۋزەللىكى» گە ئېرىشمەكچى بولۇشى، «خاتا چوت» سوققانلىق بولىدىكەن. ئۇ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەسلىكى»، «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.