خىتاي فىلىپپىنگە بەرگەن 100 مىڭ دوللار ئىئانە خىتاينى ئوساللاشتۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.16


خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىندىكى ئاپەتكە باشتا پەقەت 100 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينى خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىنگە بەرگەن ياردەم سوممىسى بارا - بارا 1 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، ھالبۇكى، بۇ ياپونىيە ئىئانە قىلغان 30 مىليون دوللار، ئامېرىكا ياردەم قىلغان 20 مىليون دوللار ھەتتا شىۋېتسىيەدىكى ئۆي جاھازلىرى شىركىتى IKEA بەرگەن 2 مىليون 700مىڭ دوللار ئىئانە ئالىدا بويۇن قىسىپ قالغان.

خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان فىلىپپىن دائىرىلىرى بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى ماجىراسى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

گەرچە بۇ ماجىرا ھەربىي سۈركىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇقلاشتۇرغان.

خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتاينىڭ ئىنسانىي ياردەمگە بولغان ئىنكاسى ئۇنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزنى قەيەرگە قويۇشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

فىلىپپىن ئۆتكەن ھەپتە تەيفېڭ بورىنى ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئاپەتتە ئۆلگەن ئادەم سانى 4 مىڭغا يېقىنلاشقان، 20 مىڭ ئادەم يارىلانغان، بىر نەچچە مىليون ئادەم ئۆي - ماكانسىز قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى فىلىپپىنگە يەتكۈزۈلدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى فىلىپپىندا قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى.

خىتاي فىلىپپىنگە بەرگەن بۇ ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ياردەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىلا ئەمەس خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ نارازىلىق قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.