خىتاي دائىرىلىرى «ئىنقىلابىي قۇربان»نىڭ غايىب بولغان جەسىتىدىن، قورالىنى مۇھىم بىلگەن

خىتاي ھاۋا ئارمىيە قىسمىدىن ئايال ئۇچقۇچى يۈ شۈ ئۆتكەن ئاينىڭ 12-كۈنى ھاۋادا مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقاندا قازا يۈز بېرىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇنىڭ جەسىتى ۋە قورالى ھازىرغىچە تېپىلمىغان. قازاغا ئۇچرىغان ئايروپىلان غۇلىغان تەۋەلىكتىكى خۇنەننىڭ يۈتيەن ناھىيىلىك ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ يۈ شۈنىڭ جەسەت پارچىسىنى تاپقانلارغا 10 مىڭ سوم، ئۇنىڭ قورالىنى تېپىپ تاپشۇرغانلارغا 50 مىڭ سوم سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ جەسەتكە قارىغاندا قورالغا 5 ھەسسە ئارتۇق سۆيۈنچە بېرىش ئېلانى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر دائىرىلەرنىڭ جەسەتنى ئىزدىشىنىڭ يالغان يەنى شەكىلگە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى مەقسەتنىڭ قورالنى تېپىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە بۇ سەۋەبلىك دائىرىلەرنى ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن لاياقەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەپسۇسكى، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ئېلانىدا قورالنى تېپىۋېلىپ تاپشۇرمىغانلارنىڭ قانۇنسىز قورال ساقلاش جىنايىتى سادىر قىلىدىغانلىقى ۋە 3 يىل بىلەن 7 يىل ئارىسىدا كېسىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.