ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەك (جەيكوب) لېۋ جۈمە كۈنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ بىلەن تېلېفون سۆزلىشىپ، خىتاينى داۋاملىق ئىقتىسادى، مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن. خىتاينىڭ يېقىندا تۇيۇقسىز خەلق پۇلى كۇرسىنى چۈشۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەك لېۋ خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا بولۇش، پۇل كۇرسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش قاتارلىق ساھەلەردىكى مالىيە ئىسلاھاتىدا بەزى قەدەملەرنى ئاتقانلىقى، بىراق ئۇنىڭ داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى ئىقتىساد ئېكسپورتنى يۆلەنچۈك قىلىدىغان ئەھۋالنى، ئىچكى ئىستىمالغا تايىنىشقا ئۆزگەرتىشى ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بۇ ئەھۋال ئامېرىكا-خىتاي ھەر ئىككى تەر ئەپنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق» دېگەن.
ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى تەلەپ قىلىپ، ئىزچىل خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. بىراق خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشىغا قارىتا يېقىندا تۇيۇقسىز خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى 8.2 پىرسەنت چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا بولسا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، دوللارنىڭ خەلق پۇلى ئوبوروتىدىكى قىممىتى ئۆرلىسە، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېكسپورتقا تايىنىشى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.
ئىقتىسادىي مەسىلە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ كېلەر ئاي ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدىكى مەركىزى تېمىلارنىڭ بىرى.