خەلقئارا مالىيە فوندى شىركەت قەرزىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەلقئارا مالىيە فوندى خادىمى خىتاينى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان شىركەت قەرزىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا مالىيە فوندىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دەيۋىد لىپتون بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى شېنجېندا ئىقتىسادشۇناسلارغا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن:«بۈگۈنكى شىركەت قەرزلىرى، ئەتە بىر سىستېما خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. سىستېما خاراكتېرلىك قەرز مەسىلىسى ئىقتىسادىي ئۆسۈشكە ئېغىر دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى بانكا كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ھەر ئىككىلىسىگە سەۋەب بولىدۇ.»

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يىل ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا ھۆكۈمەتنى قەرز دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە چاقىرغان.

لىپتوننىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي قەرز سوممىسىنىڭ دۆلەت يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى بىلەن بولغان نىسبىتى 145 پىرسەنتكە يەتكەن.

ھالبۇكى «سودا ئىچكى خەۋەرلىرى گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، «ماكۋايېر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» دىكى ئىقتىسادىي ئانالىزچى لارىي خۇ خىتايدىكى يۇقىرىقى نىسبەتنىڭ 284 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ، بۇ قەرز نىسبىتىنىڭ خەتەرلىك سۈرەتتە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە نۆۋەتتە تۇراقسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكنى بىلدۈرگەن ۋە: «بۇ ھالاكەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. مانا بۇ خىتاي ئىقتىسادىنى يىقىتىدىغان ئامىل» دەپ يازغان.

رويتېرستا نەقىل ئېلىشىچە، لىپتون ئەپەندىم خىتاي دائىرىلىرىنى دۇنياۋى ئىقتىسادىي داۋالغۇش پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرز مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت