خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «خەلق كۈندىلىك گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە ئامېرىكىنى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلىدى ۋە شۇنداقلا «ئامېرىكا، خىتاي تىنچ بولۇپ قالمىسۇن دەپ دۆلىتىمىزگە سۇيىقەست قىلماقتا» دېدى.

لۈكچۈندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلق گېزىتى باش ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلغىنى تېررورنى قوللىغانلىق بىلەن ئوخشاش» دېگەن. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىمۇ ئوخشاشلا غەرب ئەللىرىنى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىنى تېررور ۋەقەسىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى ئېتنىك سۈركىلىش قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى، چۈنكى پىكىر ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررور كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.