خىتاي مۇھىت تەشكىلاتى جۇڭگو نېفىت شىركىتىنى مەھكىمىگە ئەرز قىلدى
2013.11.29
«خىتاي مەملىكەتلىك مۇھىت بىرلەشمىسى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگان جۇڭگو نېفىت شىركىتىنى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مەھكىمىگە ئەرز قىلغان ۋە جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ 10 مىليون دوللار تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگو نېفىت شىركىتى «قانۇنسىز ھالدا بۇلغىغۇچى ماددىلار» نى تارقىتىپ، جىلىن ئۆلكىسىدە تۇپراق ۋە يەر ئاستى سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى.
بىر مۇھىت تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتىنى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مەھكىمىگە ئەرز قىلىشى خىتايدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال.
ئىلگىرى خىتايدىكى بەزى مۇھىت تەشكىلاتلىرى جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ رۇسىيە-خىتاي سىبېرىيە نېفىت تۇرۇبا يولىنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا ئۇلاش پىلانىغا قارشى چىققان. بۇ پىلان ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبلىك ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
ئېكىن خىتاي مۇھىت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەرز-شىكايەتلەردە سوت ئەيىبلەنگۈچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.