ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ تۈرمىدە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-07-15
Share

ئۈرۈمچىدە سوتلىنىپ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدىكى ئېرىنىڭ تۈرمىدە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالىنىڭ چەتئەلدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئىنكاس قىلىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭغا باشقا مەھبۇسلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىغان. 6 ئايدىن بېرى ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئىشكەلنى ئېلىۋەتمىگەن. بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ بۇيان ئۇنى شامالداشقا چىقارمىغان. كامىرداشلىرىغا تاماق تارقىتىپ، ئۇنىڭغا بەرمىگەن.

جاڭ خەيتاۋ بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ ماقالە يېزىپ، چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ 2015‏-يىلى 6‏-ئايدا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەمما بۇ يىل 1‏-ئايدا «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «چەتئەلگە ئىستىخبارات يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن جاڭ خەيتاۋ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان.

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى سوتنىڭ جاڭنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىش ۋاقتى 19‏-ئىيۇن توشقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سوت ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.

جاڭنىڭ ئايالى يېقىندا يۇقىرى سوتنىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل سوتچىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوتچى دېلونىڭ بەزىدە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت