ئامېرىكا خىتاينى پۇل كۇرسىنى غەرەزلىك چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى

20دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنى جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە.

يىغىندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەك لېۋ، خىتاي مالىيە مىنىستىرى لوجىۋېيغا خىتاينىڭ پۇل كۇرسىنى غەرەزلىك چۈشۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

جەك لېۋ، خىتاينىڭ پۇل كۇرسىنى ئەركىن بازار ئارقىلىق تەڭشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، پۇل كۇرسىنى غەرەزلىك چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي مەركىزى بانكىسى بۇ يىل 11‏-ئاۋغۇست خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى 2 % چۈشۈرۈپ، خەلقئارا بازاردا ئەندىشە قوزغىغان ئىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەك لېۋ خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ، خەلق پۇلى كۇرسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەشكە قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

جەك لېۋ يەنە، خىتاينى دادىل ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جەك لېۋنىڭ «ئىقتىسادى ئىسلاھات يولىدا دادىل ئىلگىرىلەش خىتاينى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ بالانس ۋە تېخىمۇ يۇقۇملۇققا ئېرىشتۈرىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا پۇل فوندى بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى دۆلەتلەرنى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.