خىتاينىڭ خەيكاڭ، داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ كامېرالىرى ئەنگلىيەدىمۇ چەكلەشكە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.06

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق ئىككى چوڭ كامېرا شىركىتى ئەنگلىيەدىمۇ چەكلىنىشىكە دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ خاڭجو خەيكاڭ دىگىتال تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن جېجياڭ داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى ئەنگلىيەدە ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى بۇ يىل يازدا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى پارلامېنتتا ماقۇللانسا، ئەنگلىيە ئامېرىكادىن كېيىن بۇ ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن 2-دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى. «ياخو خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى ئالىسىيا كېرنس «بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىكلەشكەن شىركەتلەرنى ئىشلەتمەسلىكىمىز، ئ‍ۇلارغا ئەمدى يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى مونوپوللۇق ئورنىنىڭ ئارتىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي كامېرا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە بەك قىزىقمايدىغانلىقى، ھالبۇكى نۆۋەتتە بۇ جەھەتتىكى بىر قانۇن لايىھەسى پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقى، بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرالار ئېلىپ تاشلانمىسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك تۈپەيلى خىتاي كامېرالىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش چاقىرىقلىرىنىڭ ئۇلغىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.