ئامېرىكا خىتاينىڭ DJI نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 8 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-15
Share

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ درون , يەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى-DJI، يەنى «شىنجېن داجياڭ كەشپىيات چەكلىك شىركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 8 شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇلارغا مەبلەغ ئاقتۇرۇشنىمۇ چەكلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قارارنىڭ يۇقىرىقى شىركەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى 14-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ 8 شىركەتنى ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي ھەربىي-سانائەت ئ‍ۆز ئارا بىرلەشكەن شىركەتلىرى» قارا تىزىملىكىگە ئالغانلىقى، چۈنكى بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ 8 خىتاي شىركىتى DJI دىن باشقا مەگۋى، داۋنىڭ ئۇچۇر سانائىتى، يۈنسوڭ، مېييا بەيكې، يىتۇ، لېئون تېخنولوگىيە قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى ئاقساراي، پرېزىدېنت بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى 14-دېكابىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بۇ قانۇننىڭ ئاخىرقى لايىھەسى شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغانىدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن شاڭتاڭ گۇرۇھى خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدا 767 مىليون دوللارلىق پاي چېكى تارقىتىش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت