خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تور كونتروللۇقىنى تەنقىد قىلغان
2017.03.05
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى خىتاينىڭ تور تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لو فۇخې 1-مارت كۈنى، يەنى خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تەكلىپ لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
مەزكۇر سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى سۆزىدە نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچىدىن چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىقى ھەم نازارەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ئىلىم-پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، چەتئەل تورلىرىنى زىيارەت قىلىشقا قارىتا ئېچىۋېتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ھازىر خىتايدا ئىشلەۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، ياكى چەتئەلدىن تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھەم خوڭكوڭغا كەلگەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تورلىرىغا كىرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشى تەسكە توختايدىكەن، ھەتتا چەتئەللەردىكى شىركەتلەرنىڭ تورلىرىغا كىرىشمۇ تەس ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن ئۇچۇر-ئاخبارات تورلىرىنىڭ خىتايدا كۆرۈلۈشىگىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللانغان بولۇپ، تىبەت، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت سەزگۈر سۆزلەر ھەم تېمىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ھەم توسۇشنى كۈچەيتكەن، ھەتتا تام ئاتلاپ كىرىشنىمۇ قاتتىق توسۇۋاتقان بولۇپ، بۇنى قانۇنسىزلىق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەرگە كىرىشى قاتتىق چەكلەنگەن ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.