دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا تارالغان زىكا ۋىرۇسىنىڭ بۇ ئەللەرگە تارقىلىش ۋە يامراپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى برۇس ئايلۋارد: «ئەدىس تىپلىق پاشا ياشايدىغان دۆلەتلەر زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئەدىس بىر خىل پاشا تۈرى بولۇپ، مەزكۇر پاشا تۈرى تروپىك، سۇبتروپىك بەلۋاغدا ياشىسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۇ ئانتاركتىكادىن باشقا بارلىق رايونلاردا بايقالغان. ئۇنىڭدىن تارقالغان زىكا ۋىرۇسى بوۋاقلاردا تۇغما كېسەللىك، نېرۋا مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
ئەمما بۇ زىكا ۋىرۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئەمەس. ئۇ، بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇن ئافرىقىنىڭ ئۇگاندا ئورمانلىقىدىكى بىر مايمۇندا بايقالغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى زىكا ۋىرۇسىغا قارشى مەخسۇس بۆلۈم قۇرغان. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىدە 3-4 مىليون ئادەم زىكا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ھازىر، مەزكۇر ۋىرۇس 23 دۆلەتكە تارقالغان.
ئامېرىكىدا بولسا، مەزكۇر ۋىرۇسىدىن 31 ئادەم يۇقۇملانغان. پرېزىدېنت ئوباما «زىكا ۋىرۇسىغا قارشى جىددىي سىناق ئېلىپ بېرىپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە داۋالاشنى تېزلىتىش» نى تەلەپ قىلدى. بىراق ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋىرۇسنى كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى تېپىلمىغان.